تۈركىيە رەھبەرلىرى «زەيتۇن شېخى»ھەربىي ھەرىكىتى ئۈستىدە كېڭەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دەۋلەت باھچەلى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىنغا قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتى ئۈستىدە كېڭەشتى.

893970
تۈركىيە رەھبەرلىرى «زەيتۇن شېخى»ھەربىي ھەرىكىتى ئۈستىدە كېڭەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دەۋلەت باھچەلى «زەيتۇن شېخى»ھەربىي ھەرىكىتى ئۈستىدە كېڭەشتى.

كۆرۈشۈشتە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى «پ ك ك-ي پ گ ۋە دائېش»تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، شۇنداقلا دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى  بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتى كېڭەش قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلغان دەۋلەت باھچەلى نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەردوغانمۇ باھچەلىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان ئەستايىدىللىقى ۋە سەزگۈرلىكىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىنغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا رايوننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ بۈگۈن جۇمھۇرىيەت خەلقى پارتىيەسى رەئىسى كەمال كىلىچدارئوغلۇ بىلەن چانكايا سارىيىدا كۆرۈشىدۇ.

باش مىنىستىر يىلدىرىم چۈشتىن كېيىن كىلىچدارئوغلۇنى قوبۇل قىلىدۇ.

بىنالى يىلدىرىم تۈنۈگۈن گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كەمال كىلىچدارئوغلۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئافرىنغا قوزغالغان «زەيتۇن شېخى»ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر