تۈركىيە ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتىن ئافرىنغا كىردى

تۈركىيە ئارمىيەسى بۈگۈن (يەكشەنبە) سائەت 11 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئافرىنغا قۇرۇقلۇقتىن كىردى.

893468
تۈركىيە ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتىن ئافرىنغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىستانبۇل ۋەھدەتتىن سارىيىدىكى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. بىر يېرىم سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان يېپىق يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك / ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى يوقىتىپ تاشلاش مەقسىتىدە باشلانغان «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈنۈگۈن باشلانغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ۋە زەمبىرەك ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، بۈگۈن قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» توغرىسىدا توختىلىپ، «ھەرىكەت ناھايىتى تېز شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېدى.

ئافرىندىكى تېررورچىلارغا قىلىنىدىغان ھەر قانداق ياردەمنىڭ بۇ ھەرىكەتنىڭ زەربە نىشانىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن يىلدىرىم، ھەرىكەتنىڭ 4 باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، 30 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇققا ئىگە بىخەتەر رايون شەكىللەندۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئافرىندا 8 – 10 مىڭ ئەتراپىدا تېررورچى بارلىقىنى بىلدۈرگەن باش مىنىستىر يىلدىرىم، رايوننىڭ ئۇ يەرنى ماكان تۇتقان بارلىق تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتىكى ئىرادىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

يىلدىرىم، ھەرىكەتتە ئىشلىتىلگەن قورال ۋە ئوق – دورىلارنىڭ پۈتۈنلەي يەرلىك ۋە مىللىي مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ھەرىكەتنىڭ مۇنبىچكىچە سۇزۇلۇپ – سۇزۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر ۋەدىسى بار، بۇ ۋەدىنىڭ ئورۇندىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېدى.

ئامېرىكا، ھەر جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د – ي پ گ نىڭ مۇنبىچنى دائېشتىن خالىيلاشتۇرغاندىن كېيىن بوشىتىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن قوراللارنى يىغىۋالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، بىراق، بۇ يولدا قەدەم تاشلانمىدى، ئەكسىچە رايون دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ تېررورچىلارغا قورال بېرىشنى داۋاملاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر