ئىبراھىم كالىن ئامېرىكىنىڭ ي پ گ غا قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسىگە ئامېرىكىنىڭ ي پ گ غا قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

892597
ئىبراھىم كالىن ئامېرىكىنىڭ ي پ گ غا قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى گېنېرال مىك ماستېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

سۆھبەتتە پ ك ك، دائېش ۋە ئەلقائىدە قاتارلىق ھەر قايسى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكىلىق مەسئۇلغا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ غا ئامېرىكا تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

سۆھبەتتە ئشەنچلىك بىر سىياسىي ئۆزگىرىش يولى ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ قوشنىلىرىغا تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدىغان بىر شەكىلدە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ رايوننىڭ خارتىرجەملىكى ۋە ئامانلىقىغا تۆھپە بولىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.  

ئىبراھىم كالىن بىلەن مىك ماستېر ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى، باياشاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭمۇ رايونغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىبراھىم كالىن سۆھبەتتە يەنە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەمدە تۈركىيەنىڭ قايغۇلىرى بىلەن ئامېرىكىدىن كۈتكەنلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر