ئەردوغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق كارىدورى ھەققىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن ھۇجۇم نىشانى سۈپىتىدە تېررورلۇق كارىدورىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

891327
ئەردوغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق كارىدورى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساباھ گېزىتى ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئېلان قىلدى.

ئەردوغان سۆھبەتتە: «مەيلى قانچىلىك بەدەل تولىشىمىزدىن قەتئىي نەزەر، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىر تېررورلۇق كارىدورىنىڭ شەكىللەندۈرۈلىشىگە قەتئىي رۇخسەت قىلمايمىز» دېدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ، بۆلگۈنچى تېروررلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ي پ گ/پ ي د لارنىڭ ھېچ قانداق پەرقى يوقلۇقىنى قوبۇل قىلمىغان بىر قاراشنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، ئامېرىكىنىڭ بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقىلرىنى مۇزاكىرە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بىراق تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى فىرات قالقىنى ھەرىكىتىدە بولغانغا ئوخشاش، قۇرۇغلۇقتىن قىسىم يوللاشتىنمۇ چېكىنىپ قالمايمىز» دېدى.


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر