تىللېرسون تۈركىيەگە ئېنىقلىما بېرىشكە قەرزدار ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون تۈركىيەگە ئالاقىدار بەرگەن باياناتىدا، سۈرىيەدە ھېچ قانداق چېگرا بىخەتەرلىك ئارمىيەسى قۇرمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

890980
تىللېرسون تۈركىيەگە ئېنىقلىما بېرىشكە قەرزدار ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىللېرسون تۈركىيەگە بىر ئېنىقلىما بېرىشكە قەرزدار ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان ھالدا، «سۈرىيەدە ھېچقانداق چېگرا بىخەتەرلىكى ئارمىيەسى قۇرمايمىز» دېدى.

ئامېرىكا مېدىياسىدا چىققان خەۋەرلەردە بىلدۈرىلىشىچە، تىللېرسون ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن كېيىن، ۋاشىنگىتونغا قايتىش ئەسناسىدا ئايروپىلاندىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

تىللېرسون تۈركىيەنىڭ «تېررورلۇق ئارمىيەسى»گە كۆرسەتكەن قاتتىق نارازىلىقىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، سۈرىيەدە، «يەرلىك قىسىملار» دەپ ئاتىلىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د ئەزالىرىغا ھەربىي تەلىم بېرىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى پەقەت تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلانغان رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى يەنە تەكرارلىدى.

رېكس تىللېرسون سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات ئورگىنى ھوۋېر ئىنسىتېتۇتىدا تۈنۈگۈن كەچتە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، تۈركىيەنىڭ ئەندىشلىرى ۋە سۈرىيە چېگرالىرى ئۈستىدە ئېنىقلىمىلارنى بېرىپ، «تۈركىيەنىڭ ئەندىشىسىنى چۈشىنىمىز ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز. 2011 – يىلىدا ئىراقتا ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى سۈرىيەدە قايتا ئۆتكۈزمەيمىز» دېدى.

تىللېرسون 2011 – يىلىدا ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن مۇددەتتىن بۇرۇن چېكىنىپ چىقىشى سەۋەبىدىن ئەل قائىدىگە بىخەتەر پاناھجاي يارىتىپ بېرىلگەنلىكىنى  ھەمدە ئوتتۇرىدىكى بوشلۇقنىڭمۇ دائېشنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى دائېشنىڭ قايتىشىنى توسۇشنى نىشان قىلغان ھالدا داۋاملىشىدۇ. تۈركىيەگە ئوخشاش ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكلاتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يېڭىلىشىدە ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقىنى ۋە سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرگە قۇچاق ئاچقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن تىللېرسون، «ئىدلىبدە ۋە تۈركىيەنىڭ پ ك ك لىق تېررورچىلارغا ئالاقىدار قانداق جايدا ئەندىشى بولسا، شۇ يەردە ھەمكارلىق ئىچىدە بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر