چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە ۋە ئىراق ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى.

887332
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە ۋە ئىراق ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىدە تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سۆز قىلىپ، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قانداق خائىن تەشكىلات ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل دۇنيا چۈشەندى. ئىنشائاللاھ، ئامېرىكىمۇ بۇنى بىر كۈنى چۈشىنىپ قالار. ئەپسۇسكى بىز ھازىرغىچە ئامېرىكىدىن تەلەپ قىلغان قوللاشنى كۆرەلمىدۇق. قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىمىز ئەمەلىيلەشمىدى، ھازىرغىچە بىر تەكشۈرۈشمۇ باشلىمىدى» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىرى. بەزى مەسىلىلەردە پىكىر ئوخشىماسلىقىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئېگىز – پەسلىكلەر بولۇشى مۇمكىن، بىراق، بۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەسىلىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ پ ي د غا قورال بېرىشى مەسىلىسى تۈپەيلى مۇناسىۋەتلىرىمىزدە سوغۇقچىلىق بار. بۇلارنىمۇ دىيالوگ يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئىككى كۈندىن كېيىن ۋانكوۋېردا ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئىشتىراك قىلىدىغان يىغىنمۇ كورېيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئارىمىزدا ئورناتقان ئىتتىپاقداشلىقىمىزنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر.»

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ، «سۈرىيەدە ئۆتكەن يىللاردا ئىزچىل ھالدا قەتلىئاملارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا گەپ قىلاتتۇق، بىراق، 2017 – يىلى بولۇپمۇ ئاستانا مۇساپىسى ۋە تاشلىغان قەدەملىرىمىز سايىسىدا نۆۋەتتە سۈرىيەنىڭ شارائىتى خېلىلا ياخشى. پۈتۈنلەي ياخشىلاندىمۇ، ياق. سىياسىي چارە تېپىلماي ۋە سۈرىيەدە مۇقىملىق ئورناتماي تۇرۇپ (پۈتۈنلەي ياخشى) بولمايدۇ. ئەمما، ياخشى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتىمىز. سىياسىي مۇساپىسىگە مەركەزلەشتۇق. تۈركىيە بۇ يەردە باش رولنى ئالماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۆزى جەريانىدا ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار نۇقتىلارغا ئىشارەت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، «ئىراقتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، ھەر ئىككى تەرەپ بىزدىن مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. رايونلۇق ھۆكۈمەت ئېغىر خاتالىق سادىر قىلدى، خاتالىقىنى بىلدى، ئەمما ئىراقنىڭ مۇقىملىقى ۋە چېگرا پۈتۈنلۈكى بىزگە نىسبەتەن مۇھىم. مۇشۇ ئاينىڭ 21 – كۈنى باغدادقا بارىمەن. ئىنشائاللاھ، تۈركىيە بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىزنىڭ يوشۇرۇن پىلانىمىز يوق، ھېچكىمنىڭ زېمىنىدا نەزىرىمىزمۇ يوق. بىز ياقلايدىغان نەرسە ئادالەت» دەپ سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، لوس ئانژېلېستىكى خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان شىمالىي كورېيە تېمىلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ ۋە يىغىن جەريانىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر