تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى رۇسىيە پاراخوتىغا ياردەم قىلدى
رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «KIL-158» ناملىق ئارقا سەپ مۇلازىمات پاراخوتى چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتۈش جەريانىدا تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قالغان بىر خادىمى ئۈچۈن تۈركىيە ئارمىيەسىدىن تىببىي ياردەم سورىغان.
885151
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «KIL-158» ناملىق پاراخوتىنىڭ ياردەم تەلىپى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتقا ئاساسلانغاندا، 7-يانۋار (يەكشەنبە) رۇسىيە پاراخوتى چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتۈۋاتقاندا كېسىلى قوزغىلىپ قالغان بىر نەپەر خادىمى ئۈچۈن تىببىي ياردەم تەلەپ قىلغان. چاناققەلئە بوغۇزى قوماندانلىقىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، رۇسىيە پاراخوتىدىكى بېمار چاناققەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرستېتى دوختۇرخانىسىدا داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغان.
دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق مەركىزى بىر نەپەر ھەربىي دوختۇر ۋە بىر نەپەر ھەربىي سەھىيە خادىمىنى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان رۇسىيە پاراخوتى خادىمىغا ھەمراھ بولۇشىنى ئورۇنلاشتۇرغان.