ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى رۇھانى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراننىڭ جەمئىيەت خاتىرجەملىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

881065
ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى رۇھانى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىراندا 2017-يىل 28-دېكابىردىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان نامايىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ، خەلقنىڭ تىنچلىق يوللار بىلەن نامايىش قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، قانۇنلارنى ئاياق-ئاستى قىلماسلىق كېرەكلىكى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتنىڭ، دەل جايىدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىپ، نامايىشلارنىڭ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر