دائېشنىڭ مىسىردىكى ھۇجۇمىنى تۈركىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئەيىبلىدى

مىسىردا چىركاۋغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، 7 كۇبتى بىلەن قوشقاندا جەمئىي 9 كىشى ئۆلگەن ۋە 5 كىشى يارىدار بولغان بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

878777
دائېشنىڭ مىسىردىكى ھۇجۇمىنى تۈركىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى چىركاۋغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا ۋە مىسىر خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى ھەمدە يارىدار بولغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ ئارىلىقتا مىسىر ئومان، پەلەستىن، سۇدان، يەمەن، ئىيوردانىيە، فەتىھ ھەرىكىتى، ئەل ئەزەھەر، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ھەمدە ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىمۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

مىسىر پىرېزىدېنتلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قاھىرەدىكى ھۇجۇم قاتتىق ئەيىبلەندى.

ئومان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئوماننىڭ تېرررولۇققا قارشى كۈرەشتە مىسىرنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر مەسئۇل، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» پىرېزىدېنت ماھمۇد ئابباسنىڭ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، «بۇ ھۇجۇملار مىسىرنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىيلىكىنى تەۋرىتەلمەيدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «بۇ ھۇجۇم بارلىق ساماۋى دىنلارغا، قائىدە - يوسۇنلارغا ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپتۇر» دېيىلدى. 

يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، يەمەننىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە مىسىر ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا، ئىبادەتخانىلارنىڭ مۇقەددەسلىكى تەكىتلىنىپ، ئىبادەتخانىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى ھېچ بىر شەكىلدە قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فەتىھ ھەرىكىتىمۇ تېررورلۇقنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن رايون خاراكتېرلىق تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرلەشتۈرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى. 

ئەلئەزھەر شەيخى ئەھمەد تاييىب ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىمۇ ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكىنىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل قورقۇنچاق ھۇجۇملارغا قارشى كۈرەشتە مىسىر خەلقىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

گېرمانىيەنىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جۇلېئۇس گىئورگ لۇي ۋە پەلستىن ئىشلىرى باش مەسلىھەتچىسى ماھمۇد ئەل ھەبباشمۇ چىركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

پايتەخت قاھىرەنىڭ جەنۇبىدا خىلۋان رايونىدىكى چىركاۋغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، بىر نەپەر تېررورچىدىن باشقا يەنە، 7 كۇبتى بىلەن قوشقاندا جەمئىي 9 كىشى ئۆلگەن ۋە 5 كىشى يارىدار بولغان بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر