تۈركىيە ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

تۈركىيە ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشتا بۇ يىل دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

878405
تۈركىيە ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

2013-يىلى باشلانغان ھەسەل ئورمىنى ھەرىكەت پىلانىنىڭ 2018 ۋە 2019-يىللىرىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ساھەدە ھەسەل ئورمانلىرى بىلەن يېزىلارنىڭ كىرىم مەنبەلىرى خىللاشتۇرۇلۇپ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.

ھازىرغىچە 369 ھەسەل ئورمىنى بەرپا قىلىندى،2018 ۋە 2019-يىللىرىدا يەنە 54 ھەسەل ئورمىنى بەرپا قىلىش پىلانلانماقتا.  

ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە، بۇ ساھەدە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى بولدى.

ھەسەل ئېكسپورتى 5 يىلدا 5 ھەسسە ئاشتى.

تۈركىيەنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول بولۇپ، بۇ بايلىقلارنى دۆلەت ئىقتىسادىغا پايدىلىق ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن پىلان-لايىھەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ تەدبىق قىلىنماقتا. ھەسەل ئورمىنى ھەرىكەت پىلانى دائىرىسىدە 369 ھەسەل ئورمىنى بەرپا قىلىنىپ ھەسەل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېچىۋېتىلدى.

بۇ لايىھەنىڭ مىۋېسى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

نۆۋەتتىكى مەقسەت بولسا ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تۈركىيەنى ھەسەل ئېكسپورتىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

يىللىق ئوتتۇرىچە 150مىڭ توننا ھەسەل ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تۈركىيەدە تەخمىنەن 7 مىليون 700 مىڭ ھەسەل كۆنىكى بار ۋە 150مىڭدەك ئائىلە ھەسەلچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر