20 يېتىم بالىنىڭ يۈزى كۈلدى
ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرى جەمئىيىتى سۈرىيە ۋە تۈركىيەدە 20 مىڭ يېتىم بالىغا قىشىلىق كىيىم-كىچەك تارقىتىپ بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرى جەمئىيىتى 20مىڭ يېتىم بالىغا قىشلىق كىيىم-كىچەك ياردەم قىلدى.
ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرى جەمئىيىتى ئىگە-چاقىسىزلارغا ياردەم قىلىش ئىشخانىسى باشلىقى بەشات باشەر تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە ياشاۋاتقان يېتىم بالىلارغا قىشلىق كىيىم-كىچەك تارقىتىپ بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
جەمئىي 20مىڭ يېتىم بالىغا قىشلىق كىيىم-كىچەك تارقىتىپ بەرگەنلىكلىرىنى ئېيتقان باشەر مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ 15ۋىلايىتى بىلەن ئىچكى ئۇرۇشقا سەھنە بولىۋاتقان سۈرىيەنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى يېتىم بالىلارغا قىشلىق كىيىم-كىچەك تارقىتىپ بەردۇق، تۈركىيەدە 6000، سۈرىيەدە تەخمىنەن 14 مىڭ بالىنىڭ قىشلىق كىيىم-كىچىكى بار بولدى.»
ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ تۈركىيەدىكى 75 ۋىلايەتتە 15 مىڭ يېتىم بالىغا ئىگە چىققانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن باشەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدىكى يېتىم بالىلارغا يېمەك-ئىچمەك، مائارىپ ۋە سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ كېلىۋاتىمىز، 2007-يىلدىن بۇيان بۇ پائالىيىتىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق، بىز ساخاۋەتچىلەر سىستېمىسى قۇرۇپ چىقتۇق، ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمىنى يېتىم بالىلارغا مۇۋاپىق شەكىلدە يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.