ئەردوغان: زالىمنىڭ قىلغانلىرى ھېچقاچان ئۆزىگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا سەۋر قىلغان، توغرا يولدا ماڭغان ۋە بىر-بىرىگە مەھكەم باغلانغان بىر مىللەتنى ھېچقانداق كۈچنىڭ يىقىتالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

870856
ئەردوغان: زالىمنىڭ قىلغانلىرى ھېچقاچان ئۆزىگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كونيادا ئۆتكۈزۈلگەن «مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ۋاپاتىنىڭ 744-يىلىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى» گە قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ يۈز يىللار بۇرۇن، ئىتتىپاقلىق، باراۋەرلىك، سۆيگۈ ۋە ئۆزئارا قېرىنداشلىق توغرىسىدا قىلغان ھىكمەتلىك سۆزلىرىنىڭ، دەۋرىدىمىزدىمۇ مەنىسىنى يوقاتمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە، بەزى كۈچلەرنىڭ تۈركىيە ۋە رايوندا قان تۆكۈش، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش ۋە زوراۋانلىق بىلەن كۈچ ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ بەزى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋارىل بومبىلار ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ۋەيران قىلىش، قەتلىئام يۈزگۈزۈش ئارقىلىق ھاكىمىيىتىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز، دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بەزى كۈچلەر مۇسۇلمانلار سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغان مەسىلىلەرنى يوق ھېسابلاپ، ھەتتا ئاياق-ئاستى قىلىپ، سەۋرىمىزنى سىناۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، مەۋلانا جالالىددىن رۇمى بىزگە، بېسىم بىلەن ئىقبالغا يەتمەكچى بولغانلارنىڭ، زوراۋانلىق ۋە پىتنە-پاسات بىلەن ھاكىمىيەت تىكلەشنى خىيال قىلغانلارنىڭ قانچىلىك چوڭ غەپلەت ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلغان.»

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«تارىختا سانسىزلىغان قېتىم ئىسپاتلانغىنىدەك، زۇلۇمنىڭ ئاخىرى بەرباتلىقتۇر. زالىمنىڭ قىلغانلىرى ھېچقاچان ئۆزىگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئاخىرەت كۈنىدە قەتلىئاملارنىڭ، قىلىنغان زۇلۇملارنىڭ، تۆكۈلگەن قانلارنىڭ چوقۇم سورىقى بولىدۇ، سورىلىدۇ.»

ئۇ: «قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا سەۋر قىلغان، توغرا يولدا ماڭغان ۋە بىر-بىرىگە مەھكەم باغلانغان بىر مىللەتنى ھېچقانداق كۈچ يېڭەلمەيدۇ. بىز ئىتتىپاق بولساق، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن جۇغراپىيەمىزدە تېرىلماقچى بولغان پىتنە-پاسات ئۇرۇقلىرى ھەرگىز بېخلىنالمايدۇ. قېرىنداشلىرىمىزغا ھالاللىق بېرىپ، ئاجىز ۋە مەزلۇملارغا داستىخىنىمىزنى كەڭ ئاچساق، ھېچكىم بىزنى تىز چۆكتۈرەلمەيدۇ، مەزھەپچىلىك پىتنىلىرى تارقىتىش، ئېتنىك نۇقتىدىن ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىلىرىمىزنى يوقىتىش ئارقىلىق پەيدا قىلىنماقچى بولغان بۆلگۈنچىلىك شاماللىرى، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي تۇرساقلا ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر