ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورىستلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا ھۇجۇم تەييارلىقىدا بولۇۋاتقان تېررورىستلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناھلىنىش جايلىرى بىتچىت قىلىندى.
868915
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ، ئاۋاشىن باسيان ۋە ھاكۇرك رايونلىرىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇم تەييارلىقىدا بولۇۋاتقانلىقىنى بايقاپ، دەرھال ھاۋا ھۇجۇمى باشلىدى. ھۇجۇمدا، بەش تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناھلىنىش جايلىرى بىتچىت قىلىندى.