ئىستانبۇلدىكى تاكسى شوپۇرلىرى ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتى

ئىستانبۇلدىكى تاكسى شوپۇرلىرىمۇ ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.

866470
ئىستانبۇلدىكى تاكسى شوپۇرلىرى ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇللۇق تاكسى شوپۇرلىرى ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىستانبۇلنىڭ ماسلاك رايونىغا يىغىلغان تاكسى شوپۇرلىرى تۈركىيە بايرىقىنى تاكسىلىرىغا ئېسىپ ماڭدى.

تاكسى شوپۇرلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىستەنيەدىكى ئىستانبۇل كونسولخانىسىغىچە تاكسىلىرىنىڭ ياڭراتقۇلىرىنى چېلىپ ماڭدى.

بۇ جايدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە پەلەستىندە شېھىت بولغانلار بىلەن تۈركىيەدە بۇلتۇر 15-ئىيۇلدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قوزغىغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش ئەسناسىدا شېھىت بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى.

تاكسى شوپۇرلىرى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەگە قارشى شوئارلار توۋلاشتى.

تاكسچىلەر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر