ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئەنقەرەدە قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدىكى سەككىزىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.

866352
ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئەنقەرەدە قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيەدىن S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش ئىشىنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئېنىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدىكى سەككىزىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى رەھبەر بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان ئايرىم ئۇچرىشىشىدىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۈتكۈل دۇنيا قىزىقىش ئىچىدە كۈتۈۋاتقان ئۇچرىشىش توغرىسىدىكى تۇنجى سۆزىنى پۇتىننى تۈركىيەدە يەنە بىر قېتىم كۈتۈۋېلىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ھالدا باشلىدى. ئۇ، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىق ساھەلەر بويىچە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ماسلىشىشنىڭ ئىنسانىي، سودا، ساياھەت ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىمۇ ئەكس ئەتكەنلىكى» نى تەكىتلەپ ئۆتتى.

رۇسىيە بىلەن بولغان سودا ھەجىمىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 10 ئېيىدا %30 ئاشقانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە باشقا ئورتاق ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پۇتىن بىلەن رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېلان قىلىش قارارىنىڭ پۈتكۈل دۇنيادا نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇسۇلمان، خىرىستىيان شۇنداقلا ئەقلى ساغلام يەھۇدىيلاردىمۇ ئۈمىدسىزلىنىش پەيدا قىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قارار ئېلان قىلىنغان (6 – دېكابىر) دىن بۇيان 4 پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلغانلىقىنى، 2 مىڭدەك پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، قۇددۇس مەسىلىسىگە بولغان قاراشتا پۇتىن بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان، مېھمان پىرېزىدېنت بىلەن سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە ئاستانا مۇساپىسىنىڭ كاپالەتچى دۆلەتلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 22 - نويابىردا رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە چاقىرىلغان يىغىنغا ئوخشاش يېڭى بىر باشلىقلار يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى.

ئەردوغان، رۇسىيەدىن S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشقا دائىر خىزمەتلەرنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە مۇئەييەنلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بولسا، سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئورنىتىلغان قويۇق ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلدى ۋە سۈرىيە زېمىنلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، تۈركىيەدىن ئىلگىرى زىيارەتتە بولغان سۈرىيەدە پىرېزىدېنت بەششار ئەسەد بىلەن سىياسىي مۇساپىگە قەدەم بېسىش ئۈچۈن، ھاكىمىيەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەرنى ئۇچراشتۇرۇشنى نىشان قىلغان سۈرىيە مەملىكەتلىك دىيالوگ قۇرۇلتىيى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پۇتىن، ئەردوغاننىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، قۇددۇس مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ، ئامېرىكا دائىرىلىرىنى «تىنچلىق مۇساپىسىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر قارار» چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىدى. پۇتىن، قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى مەسىلىسىنى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىۋاسىتە مۇزاكىرىلەر ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈركىيەدىن ئىلگىرى تويۇقسىزلا زىيارەتتە بولغان سۈرىيەنىڭ لازىقىييە شەھىرىدە، سۈرىيەدىكى رۇس ئەسكەرلىرىگە قىسمەن چېكىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنىدى.

رۇسىيە ئەسكەرلىرى سۈرىيەگە 2015 – يىلى ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن سۈرىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مىسىردىمۇ قىسقىلا زىيارەتتە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر