ئەردوغان، پۇتىن ۋە فرانسىسكۇس بىلەن قۇددۇس توغرىسىدا سۆزلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە كاتولىكلارنىڭ رۇھانى رەھبىرى پوپ فرانسىسكۇس بىلەن قۇددۇس توغرىسىدا سۆزلەشتى.

863875
ئەردوغان، پۇتىن ۋە فرانسىسكۇس بىلەن قۇددۇس توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، قۇددۇسقا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 1980 – يىلىدىكى قۇددۇسنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش قارارىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئامېرىكا دائىرىلىرى تاشلىغان بۇ قېتىمقى قەدەمنىڭ رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بۇ مەسىلىنى تەقىب قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىككى رەھبەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئېقىم مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

بۇ جەرياندا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قۇددۇسقا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا كاتولىكلارنىڭ رۇھانى رەھبىرى پوپ فرانسىسكۇس بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى؛ پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسەتلىك مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ قۇددۇسقا ئالاقىدار قارارىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن، 1967 – يىل چېگراسىنى ئاساس قىلغان، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

بارلىق ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى سەزگۈرلۈكنى بىردەك ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پوپ فرانسىسكۇسنىڭ، قۇددۇستىكى مەۋجۇت ھالەتنى ساقلاپ قېلىش چاقىرىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەردوغان، قۇددۇسنىڭ يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس ماكانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. پوپ فرانسىسكۇس بولسا، بۇ شەھەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى ھەر خىل ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

سۆھبەت جەريانىدا يەنە ئەردوغان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، قۇددۇس مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇن ۋە ب د ت ھۆججەتلىرىگە خىلاپ تاشلىنىدىغان قەدەملەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى. پوپ فرانسىسكۇس، ئامېرىكا دائىرىلىرى تاشلىغان خاتا قەدەمنى ئوخشاش بولمىغان مۇنبەرلەردە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ دائىرىدە تۈركىيەنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقى سۈپىتىدە، 13 – دېكابىردا ئىستانبۇلدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جىددىي يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە بىلەن ۋاتىكان ئارىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر