ئەردوغان مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشتى

ئەردوغان قۇددۇسنىڭ ۋە ھەرەم شەرىپنىڭ مۇقەددەسلىكىنىڭ تارىخىي، قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى قوغداشنىڭ پۈتۈن ئىسلام دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

860132
ئەردوغان مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەنبەرلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن ئاخشام ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە قۇددۇسنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى قاتارلىق پەلەستىننىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن 1967 – يىلىدا بەلگىلەنگەن چېگرا ئاساسىدا، پايتەختى قۇددۇس بولغان مۇستەقىل بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.  

ئەردوغان قۇددۇسنىڭ ۋە ھەرەم شەرىپنىڭ مۇقەددەسلىكىنىڭ تارىخىي قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى قوغداش پۈتۈن ئىسلام دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ سەزگۈر مەسىلىدە خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنىمۇ جىكىلىدى.

تۈركىيەنىڭ پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىنى بۇ ھەقلىق دەۋاسىدا ھەر دائىم قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، غەززەگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىنىڭمۇ تىنچلىققا زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھمۇد ئابباس جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا پەلەستىن مەسلىسىدىكى سەزگۈرلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە رەخمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر