ئەردوغان گېرمانىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋولتېر ستېينمىئېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ 25-نويابىر سوچىدا چاقىرغان ئۈچ تەرەپ يىغىنى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

858248
ئەردوغان گېرمانىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن گېرمانىيە پىرېزىدېنتى ستېينمىئېرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە مەسىلىسىدىن باشقا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ھازىرقى مۇساپىنىڭ سۈرىيەدە ب د ت نازارەتچىلىكىدە ئەركىن، ئادىل ۋە پۈتكۈل سۈرىيەلىكلەر قاتنىشالايدىغان سايلام تەرتىپىنى تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارىنىڭ روھى بويىچە، سۈرىيە خەلقىنىڭ باشچىلىقىدا ۋە ساھىبخانلىقىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كەڭ دائىرەلىك، ئەركىن، ئادىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارا سىياسىي مۇساپىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا كۆپ ئەھمىيەت بەرگەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سوچىدا ئېچىلماقچى بولغان «مەملىكەتلىك دىيالوگ كونگرەسى» نىڭ، جەنۋەدە داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە يىغىنى ئۈچۈن بىر تاللاش ئەمەس، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغان يىغىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە كونگرەگە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتناشتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، ئىككى رەھبەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا تېزلەشتۈرۈش ۋە بۇ يۆنۈلۈشتە قەتئىيلىك بىلەن قەدەم بېسىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر