چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

857772
چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجاننىڭ ساھىبخانىلىقىدا 30 – نويابىر كۈنى باكۇدا چاقىرىلىدىغان تۈركىيە – ئەزەربەيجان – پاكىستان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ھەمدە 1 – دېكابىر كۈنى ئافغانىستان مەسىلىسى توغرۇلۇق ئۆتكۈزۈلىدىغان 7 – نۆۋەتلىك «ئاسيىا كىندىكى ئىستانبۇل مۇساپىسى» ناملىق كونفېرانسقا قاتنىشىدۇ.

تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، دوست ۋە قېرىنداش ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ئافغانىستانغا ھەر ساھەدە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە رايونلۇق ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدىغان ئىستانبۇل مۇساپىسى، تۈركىيە باشچىلىقىدا 2011 – يىلى 2 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «ئافغانىستان ئۈچۈن ئىستانبۇل كونفېرانسى» ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، تۈركىيە ئىستانبۇل مۇساپىسىدىكى رولىنى ئاكتىپچانلىق بىلەن جارى قىلدۇرماقتا.

بۇ قېتىم ئافغانىستان ۋە ئەزەربەيجاننىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىكىدە چاقىرىلىدىغان «بالقان رايونى كونفېرانسى» غا تۈركىيەدىن باشقا يەنە، رايونلۇق 14 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇل مۇساپىسىنى قوللاۋاتقان ئەللەر، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭمۇ قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ كونفېرانس جەريانىدا «ئاسىيا كىندىكى ئىستانبۇل  مۇساپىسى» غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر