تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ ئاسوستىكى ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاسوس رايونىدا كەڭ كۆلەملىك ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

856342
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ ئاسوستىكى ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاسوس رايونىدىكى 41 نۇقتىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاسوس رايونىدا كەڭ كۆلەملىك ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ئاسوس رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، تونېل قاتارلىق 41 نىشانىنى يوقىتىپ تاشلىدى.

ھەرىكەتكە ئىشىتراك قىلغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر