ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ ھەرقانداق بىر قىممەت قارىشىغا تىل ئۇزارتىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ھەرقانداق بىر قىممەت قارىشىغا تىل ئۇزارتىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

855205
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ ھەرقانداق بىر قىممەت قارىشىغا تىل ئۇزارتىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ بالىكەسىر ۋىلايەتلىك شۆبىسىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن مەسلىھەت مەجلىسى يىغىنىدا سۆز قىلدى. 8 – نويابىردىن 17 – نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن نورۋېگىيەدىكى ناتو مانېۋىرىدا ئاتاتۈرك بىلەن ئۆزىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىغا ۋە گوللاندىيەدە ناتو ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ نامىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇدا يالغان ئادرېس ئېچىلىپ، ناتوغا قارشى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئەردوغان، مىللەتنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن نامايان قىلغان ئىرادە سايىسىدا، بەزى قاتلاملارنىڭ ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان، «نە ماڭا، نە جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كەمالغا، نە ئارمىيەمىزگە، نە بۇ دۆلەتنىڭ باشقا ھەرقانداق بىر قىممەت قارىشىغا تىل ئۇزارتىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. بولۇپمۇ بۇ ئېزىز مىللەتنىڭ ئابرۇيى بىلەن ئويۇن ئوينىلىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

22 – نويابىردا رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە چاقىرىلغان سۈرىيە مەسىلىسىگە چارە ئىزدەش مەقسەتلىك ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى توغرىسىدا توختالغان ئەردوغان، «تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم قارارلارنى چىقارغانلىقلىرىنى، يېقىندا بۇ قارارلارنىڭ ئىجابىي تەسىرلىرىنى ئەمەلىي مەيداندا تېخىمۇ روشەن كۆرۈشنى باشلايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن پات – پات ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «پۈتكۈل دۇنيا سوچىدىكى يىغىندىن ئۈمىد، مۇقىملىق، تىنچلىق ۋە كېلەچەك چىقىدىغانلىقىنى كۆردى. سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز سوچىدىكى يىغىن سايىسىدا يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ۋەتەنلىرىگە قايتىش ئېھتىمالىنى كۆردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر