تۈركىيە ناتونىڭ نورۋېگىيەدىكى ئېغىر سەتچىلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن نورۋېگىيەدىكى ناتو ھەربىي مانېۋىرىدا سادىر قىلىنغان سەتچىلىكتىن كېيىن، ئۇ يەردىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

849690
تۈركىيە ناتونىڭ نورۋېگىيەدىكى ئېغىر سەتچىلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك شۆبە باشلىقلىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «تۈنۈگۈن نورۋېگىيەدە بىر ئىش يۈز بەردى. نورۋېگىيەدە دۈشمەن تاختىسى، دەپ بىر تاختا قويۇپتۇ. ئۇ تاختىنىڭ بىر تەرەپتە ئاتاتۈركنىڭ رەسىمى، بىر تەرەپتە مېنىڭ ئىسمىم بار. بۇلار نىشانغا قويۇلدى. بۇ خەۋەر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن باش ئىشتاب باشلىقىمىز (خۇلۇسى ئاقار) ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرىمىز (ئۆمەر چەلىك) بىزگە تېلېفون قىلدى. <مۇشۇنداق بىر ئەھۋال بار. بۇ ناتونىڭ مانېۋىرى. 40 ئەسكىرىمىز بار، بىز بۇ ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدۇق، دېدى>» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۆزىنىڭ «ئەلۋەتتە، دەرھال، كېچىكمەڭلار. ئۇ نىشانلار ئېلىپ تاشلانغان تەقدىردىمۇ 40 ئەسكىرىمىزنى سۈرئەت بىلەن چېكىندۈرۈڭلار» دەپ تەلىمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «بۇنداق بىر ئىتتىپاق، مۇنداق بىر ئىتتىپاقداشلىق بولمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر