ئەردوغان قاتار زىيارىتىنى باشلىدى

ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبىتىدە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئۆتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكلەر، نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق ۋەزىيەت، رايون خاراكترلىك مەسىلىلەر ۋە ئىقتىساد كۈنتەرتىپكە كەلدى.

848109
ئەردوغان قاتار زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە ۋە كۈۋەيت زىيارىتىدىن كېيىن قاتاردىكى ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى.

ئەردوغاننى قاتار ئەمىرلىك دىۋانىدا قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھاماد ئەسسانى قارشى ئالدى. ئىككى رەھبەر قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

 ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبىتىدە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئۆتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكلەر، نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق ۋەزىيەت، رايون خاراكترلىك مەسىلىلەر ۋە ئىقتىساد كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ئەردوغان ئالدى بىلەن تۈركىيە – قاتار ئالىي يۈكسەك ئىستراتېگىيە كومىتېتىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، بىر قانچىلىغان يېڭى كېلشىملەرنى ئىمزالاش مۇراسىمىغىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

قاتار ئەمىرى ھاماد بىن ئەسسانى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شەرىپىگە چۈشلۈك زىياپەت بېرىدۇ. 

ئەردوغانغا قاتار زىيارىتى جەريانىدا 9 مىنىستىر، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال خۇلۇسى ئاقار ۋە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى مەسلىھەتچىسى ھاقان فىدان ھەمراھ بولىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر