سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار يىغىنلارغا ھېچ بىر تېررورچى گۇرۇپپا چاقىرىلماسلىقى لازىم

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «سۈرىيە مەسلىسىگە ئالاقىدار ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنلارغا پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېتىرازىمىز يوق، بىراق بۇ يىغىنلارنىڭ خاراكتېرى مۇھىم. يىغىنلارغا ھەرقانداق بىر تېررورچى گۇرۇپپا چاقىرىلماسلىقى لازىم» دېدى.

846973
سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار يىغىنلارغا ھېچ بىر تېررورچى گۇرۇپپا چاقىرىلماسلىقى لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار يىغىنلارغا ھېچ بىر تېررورچى گۇرۇپپىنىڭ چاقىرىلماسلىقى لازىملىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئاخباراتچىلارغا بايانات بېرىپ، سۈرىيەدە ئۆتكۈزۈلۈش ئالىدىدا تۇرغان دېپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسىغا ئالاقىدار بىر يىغىن ھەققىدە رۇسيەنىڭ ئاستانەدىكى ئۇچىرىشىشلاردا بىر تەكلىپ سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا بۇ تېمىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ: «سۈرىيە مەسلىسىگە ئالاقىدار ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنلارغا پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېتىرازىمىز يوق، بىراق بۇ يىغىنلارنىڭ خاراكتېرى مۇھىم. يىغىنلارغا ھەرقانداق بىر تېررورچى گۇرۇپپا چاقىرىلماسلىقى لازىم» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پ ك ك ۋە پ ي د نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «پ ي د، ي پ گ ۋە پ ك ك ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق پەرق يوقلۇقىنى راككا ھەرىكىتىدە كۆردۇق. پ ك ك نىڭ كاتىۋىشى ئوجىلاننىڭ رەسىملىرىنى ئېسىشتى. سۈرىيەدىكى ھەقىقىي ئۆكتىچىلەرنىڭ ئارىسىدا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى بولماسلىقى لازىم. پ ك ك ۋە پ ي د كوردلارنىڭ ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. پەقەتلا مەلۇم ئىدىئولوگىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاز سانلىقلاردۇر. باشقا كورد گۇرۇپپىلارمۇ بار، بىز بۇ تىزىملىكنى رۇسىيە بىلەن ئورتاقلاشتۇق. ي پ گ سۈرىيەلىك 500 مىڭ كورد خەلقىنى ئۆي – ماكانىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى. شۇڭا بۇ گۇرۇپپىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىدە قىلچە گۇمان يوق. بۇ تەشكىلاتلارنى كىملەرنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر