ئەردوغان ئەتە رۇسىيەگە بارىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىگە بارىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن ئەتە رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ.
زىيارەت دائىرىسىدە تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە مەسىلىسى ۋە رايونلۇق ۋە خەلقئارلىق مەسىلىلەر توغرۇلۇق ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.
ئەردوغان رۇسىيە زىيارىتىدىن كېيىن 13-نويابىردىن 15-نويابىرغىچە كۇۋەيت ۋە قاتاردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
ئەردوغاننىڭ كۇۋەيت زىيارىتىدە تۈركىيە بىلەن كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ بولغان بىر قاتار كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەردوغاننىڭ قاتار زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە-قاتار يۇقىرى ئىستىراتېگىيەلىك كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلىدىكەن.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۇۋەيت ۋە قاتارنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.