ئەردوغان 13 – نويابىردا رۇسىيەگە بارىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۆزئارا مۇناسىۋەت، سۈرىيە مەسلىسى، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

845170
ئەردوغان 13 – نويابىردا رۇسىيەگە بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئاخبارت مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەردوغاننىڭ 13 – نويابىر دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سوچىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ زىيارەت دائىرىسىدە ئۆتكۈزلىدىغان مۇزاكىرىلەردە ئۆزئارا مۇناسىۋەت، سۈرىيە مەسلىسى، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر