ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 15 – دېكابىر قاتاردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

843361
ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 13 – دېكابىر كۈنى رۇسىيەگە بېرىپ، سوچىدا پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغان ئەردوغان، 13 – 14 – دېكابىر كۈنلىرى ككۇۋەيتتە زىيارەتتە بولىدۇ، 15 – دېكابىر قاتارغا ئۆتىدۇ.

ئەردوغاننىڭ قاتار زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، قاتار كىرىزىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىيۇل ئېيىدا قاتاردا زىيارەتتە بولغان ۋە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئەلسانى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر