ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى «İHH» غەززەگە ياردەم قىلدى
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى «İHH» رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانپەررۋەرلىك خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، غەززەدىكى ئائىلىلەرگە ئۈزۈلدۈرمەي ياردەملەرنى قىلىپ كەلمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى «İHH» ساخاۋەتچىلەرنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق غەززەدىكى 500 موھتاج ئائىلىگە يېمەك – ئىچمەك ھەمدە 460 كىچىك بالىغا كىيىم – كېچەك تارقىتىپ بەردى.
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى «İHH» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 2006 – يىلىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى غەززەدە ئىنسانىيەتكە خىلاپ كىرىزىسلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى «İHH» رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانپەررۋەرلىك خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، غەززەدىكى ئائىلىلەرگە ئۈزۈلدۈرمەي ياردەملەرنى قىلىپ كەلمەكتە.
باياناتتا، ئىنسانپەرۋەرلىك يادەم فوندى جەمئىيىتى «İHH»نىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ۋەھدەتتىن كايگاننىڭ پىكىرلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى. كىيىم – كېچەك لايىھەسى دائىرىسىدە، غەززەلىك كىچىك بالىلارغا كىيىم – كېچەك تارقىتىپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ۋەھدەتتىن كايگان بۇ ياردەملەر ئارقىلىق غەززە خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، قېرىنداشلىق روھىنى مۇستەھكەملەش، ئازابلىرىنى يېنىكلىتىش ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەمچى بولۇشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، بۇ پائالىيەتلەرنى ساخاۋەتچىلەرنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.