ئەردوغان كېلەر ھەپتە رۇسىيەگە بارىدۇ
ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ مۇشۇ ئاي ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئۇچرىشىشى ھازىردىن باشلاپلا دىققەت تارتماقتا.
841834
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 13 – نويابىر رۇسىيەنىزىيارەتقىلىدۇ.
ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن سوچىدا ئۇچرىشىدۇ.
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ 2 – نويابىردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پات ئارىدىكى يېڭى ئۇچرىشىشى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئىككى رەھبەر ئۆتكەن قېتىم 28 – سېنتەبىردە پايتەخت ئەنقەرەدە كۆرۈشكەن ئىدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە، 14 –نويابىركۇۋەيتنىزىيارەت قىلىدۇ.