تۈركىيە گىرېتسىيە بىلەن مىسىرنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە، ھەر تۈرلۈك ھەربىي مەشغۇلاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى مەنئىي قىلىنغان رودوس ئارىلىدا قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدا ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەسكەرلەرنى قاتناشتۇرۇپ مانېۋىر ئۆتكۈزگەن گىرېتسىيە بىلەن مىسىرنى ئاگاھلاندۇردى.

839839
تۈركىيە گىرېتسىيە بىلەن مىسىرنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھەربىي دائىرىلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار سايىسىدا، گىرېتسىيە بىلەن مىسىرنىڭ 30 – ئۆكتەبىردە باشلىغان بىرلەشمە ھۇجۇم ھەربىي مانېۋىرىنىڭ 4 – نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى، 1947 – يىلى ئىمزالانغان پارىژ تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، قورالسىزلاندۇرۇلغان ھالەتتە ئىتالىيە تەرىپىدىن گىرېتسىيەگە ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن رودوستا ھەر تۈرلۈك ھەربىي مەشىق پائالىيەتلىرىنىڭ مەنئىي قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

باياناتتا، رودوستا داۋاملىشىۋاتقان بۇ مانېۋىرنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق – ئاشكارا خىلاپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ھالدا، «مەزكۇر مانېۋىرغا ئالاقىدار ئاگاھلاندۇرۇشىمىز گىرېتسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا يەتكۈزۈلدى ۋە ئەگە (دېڭىزى) دە جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋېتىدىغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى. بۇ دائىرىدە، قوشنىمىز گىرېتسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا زىت ۋە دۈشمەنلەرچە ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشىنى كۈتىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز ۋە ئۈچىنچى تەرەپلەرنىمۇ گىرېتسىيەنىڭ بۇ خىل خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا شېرىك بولماسلىققا چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر