ئەردوغان سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەزەربەيجان زىيارىتىدىن قايتىۋېتىپ ئايروپىلاندا مۇخبىرلارغا، ئىران ۋە ئىراق بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىۋاتقانلىقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

839246
ئەردوغان سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خەرىتىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىراققا نىسبەتەن ئالدىنقى پىلاندىكى ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «بىراق، بىز پۈتكۈل تەدبىرلىرىمىزنى يولغا قويۇۋاتىمىز. ھۇجۇم قىلىنىپ قالسا، زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىمىز مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئىدلىب ھەققىدە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «بۇ، ئافرىننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىردىكى قانۇنسىز رەۋىشتە ئۆتكۈزگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىن باش كۆتۈرگەن ئۆزگىرىشلەرمۇ بار ئىدى؛ ئىراقنىڭ شىمالىدا بارزانىنىڭ 1 – نويابىردا ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى قانداق بىر مۇساپىنىڭ باشلانغۇچى بولىدۇ، ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرىمىز» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئۇ يەردە يېڭى بىر مۇساپە باشلىنامدۇ ياكى باشلانمامدۇ، كۆرىمىز. مەن فېدېراتىپ قۇرۇلما بىلەن بىر گەۋدىلىشىشنىڭ روياپقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»  دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىبراھىم خەلىل چېگرا ئېغىزىنىڭ باغداد دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى مۇساپىسىنىڭ بىر قانچە ئىچىدە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئارمىيە ئىككىنچى قوماندانى لېيتىنانت گېنېرال تەمەل بىلەن ئىراق باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ ئۆزگىرىشلەرنى رايوندا بىۋاسىتە كۈزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر