ئەردوغان باكۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا ئەزەزبەيجاننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن باكۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

836766
ئەردوغان باكۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاندا مۇھىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. ئۇ زىيارىتى دائىرەسىدە، «باكۇ-تىبلىس-كارس تۆمۈر يولى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە باشقا رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالات ئىستانسىسىغىچە سەپەر قىلىدۇ. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇراسىمدىن كېيىن، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە باشقا رەھبەرلەر بىلەن كەچلىك تاماق زىياپىتىدە بىرگە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر