5 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقنىڭ مەتىنا ۋە زاپ رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 5 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.
835022
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ چېگرا لىنىيەسىگە جايلاشقان قاراۋۇلخانىلار، ئۈستۈنكى رايونلار ۋە ھەربىي ھەرىكەت قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، مەتىنا ۋە زاپ رايونلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغان، بۇ جەرياندا 5 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلغان. ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغاندىن كېيىن بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتقان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مىنىستىر فىدان ئىسپانىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە غەززە ئۈچۈن قويۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.