تۈركىيە – تاجىكىستان مۇناسىۋەتلىرى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «تۈركىيە – تاجىكىستان مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

826409
تۈركىيە – تاجىكىستان مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تاجىكىستان، ياۋرو – ئاسىيا رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «تۈركىيە – تاجىكىستان مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. 

* * * * *

تاجىكىستان ياۋرو – ئاسىيانىڭ مۇھىم دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. تاجىكىستاننىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي، مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان 1991 – يىلىدىن تا ھازىرقى كۈنگىچە تۈركىيە – تاجىكىستان مۇناسىۋەتلىرى چەكلىك دائىرىدە داۋاملىشىپ كەلدى. تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى، بىر مەزگىل داۋام قىلغان ئىچكى ئۇرۇش، تاجىكىستاننىڭ رۇسىيە، بولۇپمۇ ئىران بىلەن ئورناتقان ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلى تەلەپكە لايىق كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىلالمىدى. بىراق، دەسلەپكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا مۇناسىۋەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر بار.

تۈركىيە، 1991 – يىلى 16 – دېكابىردا تاجىكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى. 1992 – يىلى 29 – يانۋاردا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىلدى. تۈركىيەنىڭ دۈشەنبە ئەلچىخانىسى 1992 – يىلى 4 – ئاۋغۇستتا، تاجىكىستاننىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى 1995 – يىلى 16 – ئۆكتەبىردە ئېچىلدى. تۈركىيەنىڭ دۈشەنبىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى  1992 – 1997 – يىللىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش پەيتلىرىدىمۇ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

تاجىكىستان تاشقى سىياسىتىدە تىل ئورتاقلىقىغا ئىگە بولغان ئىران مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا تاجىكىستان بىلەن ئىران ئارىسىدا پەقەت سودا ساھەسىدىلا ئەمەس، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت – سەنئەت ساھەلىرىدىمۇ گەۋدىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ «بۈيۈك ئوقۇغۇچى لايىھەسى» دائىرىسىدە 1992 – 93 – يىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلىدىن باشلاپ خېلى كۆپ ساندا تاجىكىستانلىق ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيەدە ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

ياۋرو – ئاسىيا ئىقتىسادىي گەۋدىسى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان تاجىكىستاننىڭ يېقىنقى يىللاردا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ گۈللىنىشكە باشلىدى. نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قۇرۇلۇش ۋە ياردەملىرىنىڭ گەۋدىلىك بىر قىسمى تاجىكىستانغا كېتىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەر دائىرىسىدە، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك، سەھىيە ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانلانماقتا.

تاجىكىستان تەبىئىي بايلىق زاپىسىغا ئىگە بولسىمۇ، جۇغراپىيەسى تاغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارنى چىقىرىپ پايدىلىنىشتا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. يەنە دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك قۇرۇلمىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغان قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى، تېرىقچىلىق ئىشلىرىمۇ مۈشكۈل بولماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن تاجىكىستان ئىش – خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش جەھەتتىمۇ ھەر خىل ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

بىر قىسىم ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار بار بولغان تاجىكىستاندا، تۈرك شىركەتلىرى ۋە تەشەببۇسكارلىرىنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى تاجىكىستان ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشىدۇ. خۇسۇسەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خۇسۇسىيلاشتۇرۇش دېگەن نام ئاستىدا ھەر خىل لايىھە  ۋە قۇرۇلۇشلار ئوتتۇرىغا چىققان تاجىكىستاندا، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ بۇ ساھەگە يۈزلىنىپ پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى ھەم تاجىكىستان ھەم تۈركىيە ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. بۇ يەردە، يېقىنقى يىللاردا تۈركىيە بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ۋە كېلەچەكتە تېخىمۇ كېڭىيىش مايىللىقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. تۈركىيە – تاجىكىستان مۇناسىۋەتلىرى مەۋلانا جالالىددىن رۇمىغا ئوخشاش كاتتا مۇتەپەككۇرلارمۇ ئورتاقلىشىلغان كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسى دائىرىسىدە گۈللەپ ياشنىماقتا. نۆۋەتتە ھەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا.

بۇ دائىرىدە، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راھماننىڭ 2012 – يىلى 18 – دېكابىردا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا، مۇناسىۋەتلەرنى تەشكىلىي ئاساسقا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدا ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئورتاق باياننامە» ئىمزالاندى.

يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 2016 – يىلى 21 – ئۆكتەبىردىكى تاجىكىستان زىيارىتى سايىسىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارىسىدا «2017 – 2020 – يىللار ئارىسى ھەمكارلىق پىلانى» ئىمزالاندى. 2016 – يىلى 21 – ئۆكتەبىردە تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راھمان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان چاۋۇشئوغلۇ، ئۇچرىشىشتىن كېيىن تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىراجىددىن ئاسلاۋ بىلەن كۆرۈشتى. بۇ زىيارەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەرىجىلىك زىيارەت بولۇشىدۇر. بۇنىڭدىن سىرت، ئۆز ۋاقتىنىڭ قوشما ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق مۇئاۋىن باشلىقى يىلدىرىم تۇغرۇل تۈركەش كومىتېتنىڭ 9 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن، 2017 – يىلى 15 – فېۋرالدىن 17 – فېۋرالغىچە دۈشەنبىدە زىيارەتتە بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قاتناش ساھەسىدىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق داۋام قىلماقتا ۋە ھەم تاش يولى ھەم تۆمۈر يولى قاتنىشى ئۈچۈن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان لايىھەلەرگە ھەر ئىككى دۆلەت ئىشتىراك قىلماقتا. رايوننى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش لىنىيەلىرى قۇرۇلۇشلىرىدا تولۇقلىغۇچى روللارنى ئۈستىگە ئالغان ئىككى دۆلەتنىڭ ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە، بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى كۈتۈشكە بولىدۇ.

يېقىنقى مەزگىللەردە سودا مۇناسىۋەتلىرىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە تاجىكىستاننىڭ تۆتىنچى چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، 2013 – يىلى تاجىكىستان – تۈركىيە ئارىسىدىكى سودا ھەجىمى 655 مىليون 115 مىڭ دوللارغا يەتكەن. تاجىكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك شىركەتلىرىنىڭ جەمئىي 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە بىۋاسىتە سېلىنما مەبلىغى بار. بۇلارغا قوشۇمچە، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تاجىكىستاندىكى سېلىنما ۋە ياردەم خىزمەتلىرىمۇ داۋام قىلماقتا. تاجىكىستان بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە مۇئەييەن پىلان دائىرىسىدە داۋاملىشىشى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى، مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ھەسسە قوشىدۇ.

بۇلاردىن سىرت، تۈركىيە بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېگەندەك خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا شۇنداقلا خەلقئارا ئورگانلارغا نامزاتلىق جەھەتلەردىمۇ يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر