ئەردوغان ۋىزا كىرىزىسىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋىزا كىرزىسىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

823589
ئەردوغان ۋىزا كىرىزىسىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋىزا كىرىزىسىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېيتتى.

رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئۇكرائىناغا بارغان ئەردوغان، پىرېزىدېنت پېترو پوروشېنكو بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قارار تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بولدى، ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرە ئەلچىسىنىڭ قارار چىقىرىپ دەرھال ئىجرا قىلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مەسئۇللىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ھامان دەرھال ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار شەخسلەر بىلەن كۆرۈشتى.»

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە قانۇن دۆلىتىدۇر، بىز قەبىلە ئەمەسمىز، شۇنداقلا قەبىلە دۆلىتى قەتئىي ئەمەسمىز، قارشى تەرەپ بۇ قارارىنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرۈشى بىلەن تەڭ، ئامېرىكىدىكى تۈركىيە ئەلچىمىز ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختاتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر