ئەردوغان سېربىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پىرېزىدېنت ئالېكساندر ۋۇجىچنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 9 – ئۆكتەبىردىن 11 – ئۆكتەبىرگىچە سېربىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

822545
ئەردوغان سېربىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 9 – ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى (ئەتە) ئۇكرائىنادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سېربىيەگە بارىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەتبۇئات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان سېربىيە پىرېزىدېنتى ۋۇجىچ بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سېربىيە پارلامېنت باشلىقى بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

زىيارەت جەريانىدا، تۈركىيە – سېربىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىمۇ چاقىرىلىدۇ، ھەر خىل ساھەلەر بويىچە كېلىشىملەر ئىمزالىنىدۇ.

ئەردوغان زىيارەت پىلانى بويىچە، يېڭى بازار – سانجاقنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ سېربىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى بارلىق ساھەلەر بويىچە گۈللەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پۈتكۈل رايونغا پايدىلىق شەكىلدە مۇستەھكەملىنىشى يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر