تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ سۇدانغا ئالاقىدار قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۇدانغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سودا ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىش قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

822543
تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ سۇدانغا ئالاقىدار قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۇدانغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگونى بىكار قىلغانلىقى ۋە بۇ قارارنىڭ 12 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «ئامېرىكا – سۇدان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدىغان بۇ ئۆزگىرىشنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

سۇدانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگونىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ ئافرىقىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە باياشاتلىقىغا ئىجابىي ھەسسە قوشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بۇ نۇقتىغا كېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بارلىق تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ سۇدان – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە قولىدىن كېلىشىچە تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى، 1993 – يىلى «تېررورىزمنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن سۇدانغا 1997 – يىلى ئۆز ۋاقتىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىل كىلىنتوننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر