چاۋۇشئوغلۇ تىللېرسون بىلەن سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

822537
چاۋۇشئوغلۇ تىللېرسون بىلەن سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىلىق مەنسەپدېشى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ تەلىپىگە بىنائەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئافيونكاراھىساردا چاقىرىلغان 26 – نۆۋەتلىك مەسلىھەت ۋە مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، رېكس تىللېرسون بىلەن تېلېفوندا شىمالىي كورېيە، سۇرىيە ۋە ئىدلىب توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رېكس تىللېرسون بىلەن بەزى كونسۇلخانا مەسىلىلىرى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئەسلىدە رېكس تىللېرسون بىلەن ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم پەرقلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىمىز. دىيالوگىمىز ياخشى» دېدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر