تۈركىيە تېررورچىلارغا تىنىمسىز زەربە بەرمەكتە
تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشماقتا.
821322
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تۇنجەلىنىڭ ئۇۋاجىك تاغلىق رايونىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، تېررورچىلارنىڭ قاندىلدىكى ئۇۋىلىرىغا بولسا ھاۋادىن زەربە بېرىلدى. رايوندىكى ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.
بۇ جەرياندا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 28 – سېنتەبىردىن 4 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بارغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 68 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.