ئەردوغان خامەنېي بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (چارشەنبە) ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.
820580
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا بىر كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىران دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي بىلەن كۆرۈشتى.
ئىران دىنىي رەھبىرىنىڭ ئىشخانىسىدىكى يېپىق ئۇچرىشىش 1 سائەت 10 مىنۇت داۋاملاشتى.