تۈركىيە ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا كۆپرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ ھەم جۇغراپىيەلىك ھەم مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر بايلىقلىرى جەھەتتىن ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

819516
تۈركىيە ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا كۆپرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى (ILO)  نىڭ ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 10 – نۆۋەتلىك ياۋروپا رايونلۇق يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھەم جۇغراپىيەلىك ھەم مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر بايلىقلىرى جەھەتتىن ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. شۇنداقلا مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېپىلغۇسىز پۇرسەت – ئىمكانىيەتلەرنىمۇ يارىتىپ بەرمەكتە، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى پات - پات ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىقتىسادىي ئەھۋاللاردىمۇ ئۆزىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.»

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سىلەر شۇنداق بىر دۆلەتتە تۇرۇۋاتىسىلەركى، 3 سائەت ئۇچۇش ئارقىلىق 56 دۆلەتنى ئايلىنىپ چىقالايسىلەر. جۈملىدىن سىلەر ھازىر يىلىغا 30 تىرىليون دوللارلىق مەبلەغ ئايلىنىۋاتقان بىر دۆلەتتە بۇ يىغىننى ئېچىۋاتىسىلەر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر