گېنېرال ئاقار ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن تۈركىيە - ئىران ھەربىي ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن روھانىي، ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقارنى تېھراندىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

819132
گېنېرال ئاقار ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن تۈركىيە - ئىران ھەربىي ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى رۇھانى ئاقارنى قوبۇل قىلغاندا سۆز قىلىپ، «نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ياخشى كېتىۋاتىدۇ. ھەربىي ۋە مۇداپىئە ساھەسىدىمۇ بۇ ياخشى مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم» دېدى.

تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ رايوندىكى يىلتىزى چوڭقۇر ئىككى مۇسۇلمان دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئەسكەرتكەن رۇھانى، رايوندىكى ئورتاق تەھدىتلەر ۋە ئورتاق مەنپەئەتلەر دائىرىسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، «ئىران بىلەن تۈركىيە ئارمىيەلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ۋە ھەر خىل ساھەلەر بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى رايون خاراكتېرلىك تەھدىتلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا پايدىلىق بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ يولدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ مۇھىم نىشانلار ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەسەن روھانىي، «رايوندىكى مۇقىملىققا ئىگە ئىككى دۆلەت؛ ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەردائىم بىر – بىرلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى، رايوندىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېدى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن روھانىي يەنە، جۇغراپىيەلىك چېگرالارنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇچرىشىشتا سۆز قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقارمۇ ھەربىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «رايوننىڭ مۇھىم، شۇنداقلا كۈچلۈك ئىككى دۆلىتى – ئىران بىلەن تۈركىيە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق رايوننىڭ مۇقىملىق ۋە تىنچلىقىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.» دېدى.

گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار، تېررورچى كۈچلەرنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراق قاتارلىق رايوندىكى پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، تۈركىيە ۋە ئىران ئارمىيەلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەش ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ساھەلىرى بويىچە كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

گېنېرال - پولكوۋنىك خولۇسى ئاقار بۇ ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد باقىرى ۋە ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ئالىي كېڭىشى باش كاتىپى ئەلى شەمھانى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى، مەزكۇر ئۇچرىشىشلاردا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىردە قانۇنسىز رەۋىشتە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى قاتارلىق رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان ئۆزگىرىشلەر، چېگرا بىخەتەرلىكىنى ساقلاشقا ئالاقىدار مەۋجۇت ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر