ئەرەب ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئەرەب قىز-يىگىتلىرىنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇش ئۈچۈن تۇتۇش قىلدى

ئىستانبۇلدىكى ئەرەب ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئەرەب قىز-يىگىتلىرىنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇش ئۈچۈن تۇتۇش قىلدى.

817352
ئەرەب ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئەرەب قىز-يىگىتلىرىنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇش ئۈچۈن تۇتۇش قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى ئەرەب ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 100دەك بىر جۈپ قىز-يىگىتنى ئۆيلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كوللېكتىپ توي مۇراسىمىغا سۈرىيەلىكلەر بولۇپ مىسىرلىق، پەلەستىنلىك، يەمەنلىك ۋە تۇنىسلىق كېلىن ۋە كۈيئوغۇل نامزاتلىرى قاتنىشىدۇ.

ئىستانبۇلدىكى 4 ئەرەب ئاممىۋى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئەرەبلەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كوللېكتىپ توي مۇراسىمى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىشتى.

سۈرىيەدە ئۇرۇش سەۋەبلىك ياشلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش جەھەتتە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن ۋەكىللەر، ھەر قايسى ئەرەب ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ، تۇرمۇش قۇرۇش ئالدىكى قىز-يىگىتلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش ۋە ياردەم پۇللىرىنى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن كارخانىچى ۋە سودىگەرلەردىن يىغىشنى ئويلاشقانلىقلىرىنى قەيت قىلىشتى.

ئەرەب ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى كوللېكتىپ توي مۇراسىملىرىنى 6 ئايدا بىر قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر