«تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىدا ناھايتى زور تەرەققىي قىلدى»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىدا دۇنيا بويىچە 11 – قاتاردا، 28 ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدا 5 – قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

817173
«تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىدا ناھايتى زور تەرەققىي قىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم چاناققەلئە ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 15 يىل ئىچىدە ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىدا ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ياۋروپا بويىچە ئىككىىنچى چوڭ شىركەتكە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، 350 تىن ئارتۇق نۇقتىغا ئۇچۇش خىزمىتىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىدەك دۇنيادا ناھايىتى كۆپ نۇقتىغا ئۇچىدىغان باشقا شىركەتنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلدى، بىۋاسىتە ئۇچۇش سانىنىڭ 60 دۆلەتتىن 159 غا يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى تۈركىيە ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر بولۇپ، بۇ 15 يىللىق غالىبىيەتنىڭ نەتىجىسىدۇر. تۈركىيەگە ماس كېلىدىغىنىمۇ مۇشۇ.»

چاناققەلئە ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ چاناققەلئە ئاھالىسىغا خەيرلىك بولۇشىنى تىلىگەن يىلدىرىم، شەھەرنىڭ بۇ يەردىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ساياھەتلەر  ئارقىلىق ئىقتىسادىي ۋە ساياھەت جەھەتتىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، 2018 – يىلىنىڭ «تروئىئا يىلى» قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىمىز بۇ ھەقتە ناھايىتى چوڭ ۋە ئۇلۇغۋار پىلانلارنى تۈزمەكتە. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە چاناققەلئەگە مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىن ناھايىتى كۆپ مېھمانلار كېلىدۇ، ھەمدە چاناققەلئەمىزنى تېخىمۇ يېقىندىن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر