تۈركىيە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئارمىيەسى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نۇقتىلىرىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن كېچە زاپ ۋە ئاۋاشىن – باسياندىكى تېررورلۇق لاگېرلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى.

816747
تۈركىيە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان قورال ئىستىھكاملىرى، پاناھلىنىش ئورنى، قورال ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرى يوقىتىپ تاشلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 21 – سېنتەبىردىن 27 – سېنتەبىرگىچە بولغان بىر ھەپتىلىك جەرياندا ھاككارى، شىرناق، ماردىن، سىئىرت ۋە دىيارباكىردا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، 63 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان 16172 كىشىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر