تۈركىيە شىمالىي ئىراق چېگرا ئېغىزىدىكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى

تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى بۈلەنت تۈفەنكجى، ھابۇر چېگرا ئېغىزىنىڭ تاق يۆنىلىشلىك ھالدا تاقىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەققىدە مەلۇمات

813391
تۈركىيە شىمالىي ئىراق چېگرا ئېغىزىدىكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى بۈلەنت تۈفەنكجى، ھابۇر چېگرا ئېغىزىنىڭ تاق يۆنىلىشلىك ھالدا تاقىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، «ھازىر تاقىغان ئىش يوق، ئىراق تەرەپتىن كەلگەنلەرنىڭ تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن (تۈركىيە تەرەپكە) ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىۋاتىمىز» دېدى.

بۈلەنت تۈفەنكجى، ھابۇر چېگرا ئېغىزىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى؛ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كەچمىگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ھابۇر چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر توغرىسىدا توختىلىپ، «ھازىر تاقىغان ئىش يوق. خەۋپسىزلىك مەسىلىسى نەزەردە تۇتۇلۇپ، كىرىپ چىققۇچىلار قاتتىق تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئىراق تەرەپتىن كەلگەنلەرنى تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرگەندىن كېيىن كىرىشكە رۇخسەت قىلىۋاتىمىز. قارشى تەرەپتىن كەلگەن ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتۇق» دېدى.

تۈركىيەدىكى بەزى يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ ئۆزلىرى خاتىرجەم بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، چېگرادىن ئۆتۈشنى خالىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تۈفەنكجى، «ئالدىمىزدىكى سائەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ، ۋەزىيەتنى قايتىدىن مۇھاكىمە قىلىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر