ئەردوغان ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 72 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نىيۇ يوركتا پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن كۆرۈشتى.

811806
ئەردوغان ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇدا 50 مىنۇت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا، رايونلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ، بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەت  2017 – يىلى 25 – سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان رېفېراندۇمغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ئامېرىكىدا كۈتۈۋېلىش ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ئىش» دېدى.

ئەردوغان بىلەن ترامپ ئۇچرىشىشنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئوچۇق قىسمىدىمۇ بايانات بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىدا قىممەتلىك دوستۇم ترامپ بىلەن بۈگۈن ھەيئەتلەر ئارا ۋە ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىمىز. ئىشىنىمەنكى، ئۇچرىشىشتا، مەيلى ئامېرىكا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر نۇقتىسىدىن بولسۇن، مەيلى دۇنيادىكى باشقا مەسىلىلەر جەھەتتىن بولسۇن، كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز. بۇنداق ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشكەنلىكىمىز ئۈچۈن پىرېزىدېنت ترامپقا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.»

ترامپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك دوستۇم جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن تونۇشۇش ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ شەرەپ ۋە تېپىلغۇسىز پۇرسەت. دەرۋەقە، ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە دۇنيا بويىچە جۇغراپىيەلىك شارائىتى ئەڭ مۇرەككەپ دۆلەت. راستىنى ئېيتقاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۈتكۈل دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە، بىز بىلەنمۇ داۋاملىق ھەمكارلىق ئورناتماقتا. دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتى ناھايىتى مۇستەھكەم بولۇپ، ماڭا نىسبەتەن بىز نۆۋەتتە ناھايىتى يېقىنمىز، بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى بولسا خۇسۇسىي دوستلۇق مۇناسىۋىتى تەشكىل قىلىدۇ.»

ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتقان ترامپ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «سىزنى ئامېرىكىدا كۈتۈۋېلىش ناھايىتى چوڭ شەرەپ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر