ئەمىنە ئەردوغان دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 72 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

811346
ئەمىنە ئەردوغان دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ رەپىقىسى مېلانىئا ترامپ تەرىپىدىن ئامېرىكا دائىمىي ۋاكالەتخانىسىدا بېرىلگەن چۈشلۈك تاماق زىياپىتىگە قاتناشتى ھەمدە بۇ يەردە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى. كېيىنچە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان «تەرەققىيات ئۈچۈن مودا» پائالىيىتىگىمۇ قاتناشتى.

پائالىيەتتە سومالىلىق داڭلىق مودېل ئىمانمۇ ئورۇن ئالدى.

ئىمان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ سومالىغا بېرىۋاتقان ياردەملىرى تۈپەيلى ئەمىنە ئەردوغانغا ۋە تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر