ئەردوغان تۈرك خەلقىنىڭ غازات ئېڭىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈردى

ئەردوغان: «بۇ مىللەت غازى مىللەتتۇر، بۇ ۋەتەن شېھىتلەرنىڭ ۋە غازىلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئامانىتىدۇر. بىزلەر شېھىتلەر ۋە غازىلارنىڭ مىراسىنى لايىقىغا يارىشا كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزىمىز» دېدى.

809417
ئەردوغان تۈرك خەلقىنىڭ غازات ئېڭىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 19 – سېنتەبىر غازىيلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى.

ئەردوغان تەبرىك سۆزىدە، ئانادولۇ زېمىنىنىڭ ۋەتەنگە ئايلاندۇرۇلىشى، مىللەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشتا غازات (مەنىۋىي قىممەت قاراشلىرى ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئۇرۇش) ئېڭىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەنىۋىي بايلىقى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «مەدەنىيەتىمىزنىڭ ئەڭ ئىلغار قاراشلىرىدىن بىرسى بولغان غازات ئەقىدىسى بىزگە 1071 – يىلىدا ئانادولۇ زېمىنىنى بەخش ئەتكەنگە ئوخشاش، چاناققەلئەدە ۋە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىمۇ دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى. بۇ رايوننىڭ رۇھىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ھەر بىر تاش چالمىسىدا، ئىسمى نامەلۇم مىليونلىغان غازاتچى يېگىتلەرنىڭ ۋە شېھىتلارنىڭ قېنى بار» دېدى.

ئەردوغان تارىخ بويىچە نۇرۇغۇنلىغان ئۇرۇشلارنى ۋە تۇقۇنۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ رايون خەلقىنىڭ ئىستىقلالى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەر دائىم ئۇرۇشقا تەييار تۇرىدىغان بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئۆتمۈشتىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئىستىقلالى ۋە ئىستىقبالىغا ئىگە چىققان بۇ مىللەتنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈركىيەنىڭ خاتىرجەملىكىگە قەست قىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ مىللەت غازى مىللەتتۇر، بۇ ۋەتەن شېھىتلەرنىڭ ۋە غازىلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئامانىتىدۇر. بىزلەر شېھىتلەر ۋە غازىلارنىڭ مىراسىنى لايىقىغا يارىشا كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزىمىز. بۇ زېمىننى ۋەتەنگە ئايلاندۇرغان، بۈگۈنگە يەتكۈزگەن ھەر بىر شېھىتكە، ھەر بىر غازىغا شۇنداقلا ئىسىملىرى نامەلۇم بارلىق قەھرىمانلارغا رەخمىتىمىزنى ۋە مىنەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامالغا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىكى رەھبەرلىكى يۈزىسىدىن «مارشال» ۋە «غازى» ئۇنۋانى بېرىلگەنلىكىنىڭ خاتىرە يىلىنى شۇنداقلا غازىيلار بايرىمىنى چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەيمەن. بارلىق غازىيلىرىمىزغا مىنەتدارلىقىمنى ۋە رەخمەتلىرىمنى سۇنىمەن» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر