ئەردوغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردوغان رۇسىيەدىن «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىمزالارنىڭ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىلىشىمچە، بۇنىڭ ئۈچۈن زاكالەت بېرىلىپ بولدى» دېدى.

805282
ئەردوغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئېچىلغان ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ رۇسىيەدىن «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىش ئىشلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ: «باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشىلەر ئىمزالىرىنى قويدى. بىلىشىمچە، زاكالەتنىمۇ بېرىپ بولدى. ھېچكىمنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ياكى مۇداپىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇستەقىللىق پىرىنسىپلىرىنى ۋەياكى مۇستەقىل قارارىنى مۇنازىرە قىلىدىغان ھوقۇقى يوق. بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىز توغرىسىدىكى قارارنى ئۆزىمىز چىقىرىمىز؛ دۆلىتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قوغداش تەدبىرلىرى بولسۇن ياكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بولسۇن ئۆزىمىزنىڭ ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياكى باشقا خىلدىكى ئايروپىلانلارنى ياسىيالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەن تۈركىيەنىڭ، بۇ ئارقىلىق يېقىنقى بىر ھەپتىدە 90 تېررورىستنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۈرىيە كىرىزىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ 14-سېنتەبىر كۈنى سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشلانغان ئاستانا سۆھبىتى دائىرەسىدە، يېڭى يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «ھازىر رۇسىيە بىلەن ئىدلىبتە ھاسىل قىلغان پىكىر بىرلىكى بويىچە ئىش قىلىۋاتىمىز. رۇسىيە بىلەن، بۇ مەسىلە ھەققىدە ھېچقانداق ئىختىلاپىمىز يوق. ئىران بىلەنمۇ سۆھبەتلىرىمىزدە ئىختىلاپ پەيدا قىلغۇدەك مەسىلە كۆرۈلۈپ باقمىدى» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستاندىكى زىيارىتى جەريانىدا سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى بەششار ئەسەد بىلەن كۆرۈشۈپ-كۆرۈشمىگەنلىكى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ: «كۆرۈشمىدىم، كۆرۈشكۈم يوق» دېدى.

ئۇ گېرمانىيە بىلەن ئوتتۇرىدىكى يىرىكچىلىك ئۈستىدە توختىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېتىپ كەلگەن ھازىرقى نۇقتىنىڭ «گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۇلارغا بولغان خاپا بولۇش» تىن پەيدا بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە گېرمانىيە خەلقى بىلەن ھېچقانداق مەسىلىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ گېرمانىيەنىڭ تېررورلۇقنى قوللىغانلىقىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ھۇجۇملار داۋاملاشقان ئەھۋالدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇش سۈپىتىدە ئەلۋەتتە شەرىپىمىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر